«تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا تېلېفون قىلىپ، فلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

511865
«تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن يىلدىرىم تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە نۇرغۇنلىغان پۇقرالىرى تېررورىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تېررورنىڭ دىنى، مىللىتى ۋە مەزھىپى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، تۈركىيەنىڭ دائېش، پ ك ك / پ ي د / ي پ گ قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.

بايدىنمۇ تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن يىلدىرىمغا رەھمەت ئېيتتى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرى ۋە دەرد - ئەلەملىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنەلەيدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمنىڭ ھېچقانداق بىر دىن ياكى مىللەتكە مەنسۇپ ئەمەسلىكى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئورتاق قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، تېررورىزمغا قارشى خەلقئارالىق كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە يېقىن كەلگۈسىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر