ئوباما خىتاينىڭ چىشىغا تېگىدىغان بىر قارار ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹مەيدان› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باراك ئوباما ئاق سارايدا تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي رەھبىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

511572
ئوباما خىتاينىڭ چىشىغا تېگىدىغان بىر قارار ئالدى

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدۇ. تەيۋەننىڭ يېڭى رەھبىرىنىڭمۇ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى كۈتۈلمەكتە. بېيجىڭ ھەم تىبەتنىڭ ھەم تەيۋەننىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ۋاشىنگىتوننى بېيجىڭنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغانىدى.

ئوبامانىڭ ئالدىنقى يىلى دالاي لاما بىلەن ۋاشىنگىتوندا كۆرۈشۈشى ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىشى خىتاينىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرگەنىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دالاي لاما تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەس، خىتايغا قاراشلىق ھەقىقىي ئاپتونوم رايون بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئالدىمىزدىكى ھەپتە پاناماغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مايئامى ۋە لوس ئاجېلېس شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولىدىكەن. ئۇنىڭ پارتىيەسى تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر