ئۇيغۇر ئېلىدە مەمۇر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا روزا تۇتماسلىق ۋە ناماز قىلماسلىق توختامنامىسى ئىمزالاتقۇزۇلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مەمۇرلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا روزا تۇتماسلىق ۋە ناماز قىلماسلىق توختامنامىسىنى مەجبۇرىي ئىمزالاتقۇزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹تايمتۈرك› تور بېتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك – تۈرلۈك چەكلىمىلەر سەۋبىدىن ئەڭ چوڭ «دالا تۈرمىسى» گە ئايلىنىپ قالغان ئۇيغۇر ئېلىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى چەكلەشكە دائىر خەۋەرلەر كەلمەكتە.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 6 – ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە مەمۇرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا «رامىزان ئېيىدا روزا تۇتمايمەن» دېگەن مەزمۇندىكى توختامنامىنى مەجبۇرىي ئىمزالاتقۇزغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 4 – ئىيۇن شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە بىرەر پارچىدىن مەكتۇپ يوللاپ، «بالىلىرىڭلارنى ئىسلامدىن يىراق تۇتۇڭلار، ئۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر» دەپ تەھدىت سالغان. جۈملىدىن 4 – ئىيۇن شەنبە كۈنى ئائىلىلەرگە ئەۋەتىپ، ئىمزالاتقۇزۇشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى 46 – تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە توختامنامە ئەۋەتىلگەن.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، توختامنامىنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم – سىتەملەرنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەن.