ئوباما: مۇھەممەد ئەلى كىملىكىمنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان شەخس

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان شەخس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

509139
ئوباما: مۇھەممەد ئەلى كىملىكىمنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان شەخس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوباما ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلغان بوكس شاھى ئۈچۈن كۆرۈنۈشلۈك بايانات ئېلان قىلدى. باياناتىدا ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان مۇراسىملار ئارقىلىق ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلغان مۇھەممەد ئەلىنى «قەھرىمان» دەپ تەرىپلىگەن ئوباما ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىگە ھەدىيە قىلغان كىتاب ۋە پەلەيلەرنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئوباما قىزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مېيت نامىزى مۇراسىملىرىغا قاتنىشالمىغانىدى. ئۇ باياناتىدا، مۇھەممەد ئەلىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئۆزىگە نىسبەتەن مۇھىم بىر قەھرىماندىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى، ئۇ ھەدىيە قىلغان پەلەيلەرنى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە ئاشخانىسىدا ساقلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چېمپىيونغا ئوخشاش مېنىڭمۇ مەغلۇب بولغان چاغلىرىم بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر