11 مىليون كىشى خىتايدىكى ئىت گۆشى يېيىش فېستىۋالىنىڭ چەكلىنىشى ئۈچۈن ئىمزا توپلىدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 11 مىليون كىشى ھەر يىلى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىت گۆشى يېيىش فېستىۋالى» نىڭ چەكلىنىشى ئۈچۈن ئىمزا توپلىدى.

508804
11 مىليون كىشى خىتايدىكى ئىت گۆشى يېيىش فېستىۋالىنىڭ چەكلىنىشى ئۈچۈن ئىمزا توپلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گۇاڭشىنىڭ يۈلىن شەھىرىدە خىتايلار 2009 – يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان فېستىۋالدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىتنى سويۇپ، گۆشىنى يەيدىكەن.

ھايۋان سۆيەرلەر بۇ يىل 21 – ئىيۇن كۈنى باشلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان فېستىۋالنىڭ مەنئىي قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىمزا توپلىغان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈۈرۈلگەن بۇ پائالىيەتنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى 11 مىليونغا يەتكەن. 20 دىن ئارتۇق ھايۋانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش پائالىيەتچىسى توپلانغان ئىمزالارنى يېنىدا ئېلىۋالغان ئىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ھايۋاناتلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش پائالىيەتچىلىرى خىتايدىكى فېستىۋالنىڭ مەنئىي قىلىنىشىنى تەلەپ قىلسا، فېستىۋالنىڭ داۋاملىشىشىنى قوللايدىغانلار ئىت گۆشىنىڭ ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر