رۇسىيە ئايروپىلانلىرى فوسفور ۋە مىسكىت بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى سىتېپان دۇجاررىچ، تەلەپتە تىك ئۇچار بىلەن ياردەم بويۇملىرى يۆتكەشنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەمما پاراشوت بىلەن ياردەم تاشلاشنىڭ تېخى پىلانلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

506432
رۇسىيە ئايروپىلانلىرى فوسفور ۋە مىسكىت بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى
peşhabur sınır kapısı.jpg
bm suriye yardım.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋە ئىدلىب شەھىرىگە فوسفور ۋە مىسكىت بومبىلار بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇملاردا 2 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

قوزغىلاڭچىلارنىڭ كوتتروللۇقىدىكى يېزا - ناھىيەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملاردا نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى.

بومباردىماندىن كېيىن بەزى ئولتۇراق رايونلارغا ۋە ئاپتوموبىللارغا ئوت كەتتى.

يەنە بىر تەرەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى سىتېپان دۇجاررىچ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرەياغا قىسمەن ياردەم بويۇملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۇلۇق رۇخسەت ئېلىش تەلىپىنى يېڭىلىدى.

سىتېپان دۇجاررىچ، ئاخباراتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا ب د ت نىڭ 5 – ئىيۇندا يازما ئىلتىماسىنى سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنغانلىقىنى ۋە پايتەخت دەمەشق، دەرەيا، دۇما، مۇدامىيە ۋە ھۇمۇس قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە شۇنداقلا ئەل ۋائېر يېزىلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تەلەپتە تىك ئۇچار بىلەن ياردەم بويۇملىرى يۆتكەشنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن سىتېپان دۇجاررىچ، پاراشوت بىلەن ياردەم تاشلاشنىڭ تېخى پىلانلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىتېپان دۇجاررىچ، تىك ئۇچار بىلەن ياردەم يوللاش مەسىلىسىنىڭمۇ قۇرۇغلۇقتىن كىرىش قەتئىي مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاندىن ئىشقا كىرىشتۇرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېرمۇ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سۈرىيەدە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇلىۋاتقان رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشى تولىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشى جەھەتتە تېخىچە بولۇشىمىز كېرەكلىك يەردە ئەمەسمىز» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېستمۇ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بەششار ئەسەدنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ دۆلەتنى ئۆز رەھبەرلىكى ئاسىتىدا بىرلەشتۈرۈشتەك تۇتۇرۇقسىز سەپسەتىسى مۇمكىن بولمايدۇ» دېدى.

بۇ ئارىلىقتا ئىراق كۈرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى سۈرىيەنىڭ شىمالىغا ئېچىلىدىغان پېشابۇر چېگرا ئېغىزىنىڭ پەقەت يېمەك – ئىچمەك ۋە دورا بويۇملىرىنى يەتكۈزۈش شەرتى بىلەن ۋاقىتلىق ئېچىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىراق كۈرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسۇت بارزانىنىڭ پارتىيەسى ك د پ نىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ قارارنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلنىدىغانلىقى ۋە ياردەم بويۇملىرىنىڭ ئۆتىشىگە ئىشىك ئىچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 ئىراق كۈرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرەپكە جايلاشقان "پېشابۇر" ۋە سۈرىيە تەرەپكە جايلاشقان "سىمالكا" چېگرا ئېغىزلىرى ك د پ ۋە تېررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د ئوتتۇرىسىدىكى ئوختىلاپلار ۋە سىياسىي تالاش - تارتشىلار سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر