ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ئۆسمۈرلەرنىڭ نومۇرلىرى ئىسلامغا بولغان ساداقەت، ۋەتەن مۇھەببىتى، زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىككە قارشى قەتئىي روھ، ئاتا- ئانا ۋە ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىغا بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

506040
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسىنىڭ 300 گە يىقىن ئوقۇغۇچىسى  2015 - 2016 ‏- ئوقۇش يىلىدىكى بىر يىللىق ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلۇق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»  نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، ئەخمەت يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرپان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلياس ساكا، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى ئىلھام تۇرانلى، «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» ۋەكىلى تىبەت يۈجەتۈرك، «قازاق تۈركلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ پەخرى رەئىسى ياقۇپجان ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

كېيىن، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئالاقىدار ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. مۇراسىمنىڭ قالغان قىسمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى بىلەن داۋاملاشتى.

ئوقۇغۇچىلار قۇرئان كەرىم ئوقۇش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ساما سېلىش، ئىتوت ۋە تىياتىر ئويناش قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسەتتى.

ئۆسمۈرلەرنىڭ نومۇرلىرى ئىسلامغا بولغان ساداقەت، ۋەتەن مۇھەببىتى، زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىككە قارشى قەتئىي روھ، ئاتا- ئانا ۋە ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىغا بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

مۇراسىم يەكشەنبە كۈنى (6 – ئىيۇن) چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دا باشلىنىپ 17:00 دە ئاخىرلاشتى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر