ئىستانبۇلدىكى پارتلاشتا 7 ساقچى ۋە 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن  ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەن ۋە ئەدەبىيات فاكولتىتۇتىدا نۆۋەت تۇتۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ساقچىلارنى نىشان قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

505683
ئىستانبۇلدىكى پارتلاشتا 7 ساقچى ۋە 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى
istanbul, vezneciler patlama.jpg
istanbul vezneciler patlama.jpg
istanbul, vezneciler patlama.jpg
istanbul vezneciler patlama.jpg
istanbul, vezneciler patlama.jpg
istanbul vezneciler patlama.jpg
istanbul, vezneciler patlama.jpg
istanbul vezneciler patlama.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانخور تېررورچىلار بۇ قېتىم ئىسانبۇلدا ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىستانبۇلدىكى پارتلاشتا 7ساقچى ۋە 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئاپتومۇبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئونلىغان كىشى يارىدار بولدى.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن  ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەن ۋە ئەدەبىيات فاكولتىتۇتىدا نۆۋەت تۇتۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ساقچىلارنى نىشان قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋەقەنىڭ ئارقىدىن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم چانكايا سارىيىدا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلا ۋە سەھىيە ئىشلىرى مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن بىخەتەرلىك يىغىنىنى ئۆتكۈزمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر