تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى
ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تاپشۇرۇپ ئالغان جىددىي ئىستىخباراتقا بىنائەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېرىم كېچىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۇرك رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۇرك رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە، بايقالغان نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى.
ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تاپشۇرۇپ ئالغان جىددىي ئىستىخباراتقا بىنائەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېرىم كېچىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاكۇرك رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، رايوندا بايقالغان نىشانلارنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە بىت چىت قىلىپ تاشلانغانلىقى، ئاندىن رايوندىكى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇچرىغان زېيىنى ۋە ئۆلگەن كىشى سانىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى.
خاقان فىدان ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھەمەد ئەل تانى بىلەن كۆرۈشتى.