مۇھەممەد ئەلىنىڭ جنازە مۇراسىمى ئۈچۈن ھازىرلىقلار داۋاملاشماقتا

جىنازە مۇراسىمىغا سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىدىن بىل كېلىنتون، تۈركىيە، جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ قاتارلىق رەھبەرلەردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساندا ئاتاقلىق زاتلار بولۇپ، جەمئىي 18 مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمە

505598
مۇھەممەد ئەلىنىڭ جنازە مۇراسىمى ئۈچۈن ھازىرلىقلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتاقلىق بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەلىنىڭ جنازە مۇراسىمى ئۈچۈن ھازىرلىقلار داۋاملاشماقتا.

مۇھەممەد ئەلى ۋىسىيىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە جۈمە كۈنى دەپىن قىلىنىدىغان بولدى.

مۇھەممەد ئەلىنىڭ جانازىسى تۆغۈپ - ئۆسكەن يۇرتى كېنتۇكىينىڭ لۇئۇسۋىللە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلدى.

شەھەر باشلىقى جىنازە مۇراسىمى ئۈچۈن ئاتاقلىق بوكىس ماھىرىنىڭ بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا ئۆزى بىۋاستە تەييارلىقلارنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە مەزكۇر پىلانغا  ئۇيغۇن شەكىلدە مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيىتىنى كېرەكلىك ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ئىچىدە يەرلىكىگە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىلىقتا مۇھەممەد ئەلىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن ئۆيى زىيارەتچىلەرنىڭ ئېقىنىغا دۇچ كەلمەكتە.

شەھەر خەلقى ئۇنىڭ نامىغا ياسالغان «مۇھەممەد ئەلى مەدەنىيەت مەركىزى»نى گۈللەرگە تولدۇردى.

مۇھەممەد ئەلىنىڭ جىنازە نامىزىنى خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش كېيىن ئىسلامغا كىرگەن ئامېرىكلىق مۇسۇلمان ئىمام زائىد شاكىر قىلدۇرىدىغان بولدى. مۇراسىمغا ئوخشاش بولمىغان دىنلارغا تەۋە دىنىي زاتلارمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

جىنازە مۇراسىمىغا سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتىلىرىدىن بىل كېلىنتون، تۈركىيە، جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ قاتارلىق رەھبەرلەردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساندا ئاتاقلىق زاتلار بولۇپ، جەمئىي 18 مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

قانچىلىغان يىللارغىچە مۇسابىقە مەيدانىنى زىلزىلىگە سېلىپ كەلگەن بوكس ماھىرى مۇھەممەد ئەلى نەپەس يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا شەنبە كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

74 ياشلىق، دۇنيا بوكىس چىمپېيونى مۇھەممەد ئەلى ئۇزۇندىن بۇيان نىرىپ پالەچلىكى كېسەللىكىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر