تەيۋەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

تەيۋەننىڭ پايتەختىدە يۈز بەرگەن نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

428641
تەيۋەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
tayvan deprem.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەندە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن 6.4 يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 18گە يەتتى.

130دىن ئارتۇق ئادەم ھېلىھەم بىر بىنانىڭ ئاستىدا قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈپ ياتماقتا.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى قەھرىتان سوغۇققا قارىماي يېقىلغان بىنالار ئاستىدىكلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئەڭ كۆپ زىيان پايتەخت تەيبېيگە يېقىن جايدىكى 17 قەۋەتلىك بىر بىنادا مەيدانغا كەلدى. بۇ بىنانىڭ توققۇزىنچى قەۋىتىگە قاپسىلىپ قالغان 20 ياشلىق بىر ياش قۇتقۇزۇپ قېلىندى. بىراق 130دىن ئارتۇق ئادەم ھېلىھەم بىنا ئاستىدىن چىقىرىلمىدى.

بۇلارنىڭ %30نىڭ بىنانىڭ يۈز قىسمىغا يېقىن بىر يەردە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە ئۆگىتىلگەن ئىتلار يېقىلغان بىنانىڭ ئاستىدىكىلەرنىڭ ئورنىنى بېكىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر