تەيۋەن تەينەندە 6.4 بال يەر تەۋرىدى

تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى تەينەن شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن 6.4 بال يەر تەۋرىدى.

428198
تەيۋەن تەينەندە 6.4 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تاڭ سەھەردە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە نۇرغۇن ئىمارەتلەر قىيسىيىپ قالغان ۋە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، بۇ ئىمارەتلەردىن ئىككىسىنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا قالغان 300 دىن ئارتۇق كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 16 قەۋەتلىك بىر ئىمارەتنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا بىرى بوۋاق بولۇپ، جەمئىي 11 كىشى قازا قىلغان.

خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا تەخمىنەن 30 كىشىنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئارمىيەمۇ ياردەم بېرىۋاتقان ئىزدەش قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىدى.

تەيۋەندە 3 يىل ئىلگىرى 6.3 بال يەر تەۋرەپ، 3 كىشى قازا قىلغان، 1999 – يىلىمۇ 7.6 بال يەر تەۋرەپ، 2 مىڭ 400 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر