«رۇسىيە خەلقنى بومباردىمان قىلىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى رۇسىيە بىلەن بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەدە پۇقرالارنى بومباردىمان قىلىشنى دەرھال توختىتىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

428200
«رۇسىيە خەلقنى بومباردىمان قىلىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېرى كولومبىيە پىرېزىدېنتى مەنيۇئېل سەنتوس بىلەن بىرلىكتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نارىسىدە بالىلار بىلەن ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ھەتتا دوختۇرخانىلار بىلەن ئائىلىلىكلەر رايونلىرىنىڭمۇ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەزىدە بومباردىماندىن كېيىن ئىشچىلار يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەنلىرىدە ئايروپىلانلار قايتىپ يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇۋاتقانلارنىمۇ ئۆلتۈرمەكتە. بۇنىڭغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەك.»

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىش توغرۇلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كېرى، «رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى لازىم. كىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە سەمىمىي ئىكەنلىكى جەنۋە باسقۇچى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر