ناتو رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېن ستولتېنبېرگ رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى.

427781
ناتو رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ رايوندا سۈركىلىشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باش كاتىپ گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستېردامدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى ھەمدە يىغىندا قىلغان سۆزىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى تىنچ ۋە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، سۈرىيەدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر