مالىدا قوراللىق زوراۋانلار ب د ت خادىملىرى تۇرۇۋاتقان مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلدى

مالىدا قوراللىق زوراۋانلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا قاراشلىق ئەسكەرلەر تۇرۇۋاتقان La Palmeraie مېھمانسارىيىغا ھۇجۇم قىلدى.

427797
مالىدا قوراللىق زوراۋانلار ب د ت خادىملىرى تۇرۇۋاتقان مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلدى
mali otel saldırı.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋانلار مالىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تىمبۇكتۇ شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىغا قاراشلىق نىگېرىيەلىك ئەسكەرلەر تۇرۇۋاتقان مېھمانسارايغا ھۇجۇم قىلغان.

ھەربىي دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەدىن بۇرۇن 10 غا يېقىن قوراللىق زوراۋان تىمبۇكتۇدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمى بازسىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 1 كىشى ئۆلگەن، 2 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر