فىرانسىيەدە دائېشنىڭ بىر بازىسىنى بىتچىت قىلدى

فىرانسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دائېشنىڭ بىر چېنىقىش بازىسىنى بىتچىت قىلدى.

427317
فىرانسىيەدە دائېشنىڭ بىر بازىسىنى بىتچىت قىلدى
fransa deaş operasyon.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە سۈرىيەدە ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ دائېشقا تەۋە بىر بازىنى ۋەيران قىلدى.

فىرانسىيە مۇداپىئە مىنسىتىرلىقى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدە ئىتتىپاقداش قىسىملار بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، دائېشنىڭ بىر چېنىقىش بازىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھەلەبنىڭ 60 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مۇنبىچ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە فىرانسىيەنىڭ رافالە تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن راكىتامىيۇتلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىلگىرى ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان فىرانسىيە، پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن سۈرىيەدىكى دائېش بازىلىرىنىمۇ بومباردىمان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر