ياۋروپادا گاز باھاسى ئۆرلىدى
ياۋروپادا تەبىئىي گاز باھاسى تۈنۈگۈن (16-ئاپرېل) ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن %7.5 ئۆرلىدى.
2128742
![ياۋروپادا گاز باھاسى ئۆرلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/91ac/ff3b/bef3/636b85626f773.jpg?time=1722044203)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا ئىسىرائىلىيە-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن گاز بىلەن تەمىنلەشتە ئاقساش بولۇشى ئەندىشەسى نەتىجىسىدە، گاز باھاسى %7.5 ئۆرلىدى.
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى رۇسىيەدىن ياۋروپاغا تۇرۇبا يولى بىلەن گاز توشۇشنى توختىتىپ قويغان بولۇپ، ياۋروپا خەلقئارالىق بازارلاردىكى داۋالغۇش سەۋەبىدىن تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
قىش پەسلى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، خەلقئارالىق بازارلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ئېھتىياجغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەرنى كۈچەيتىپ، گاز باھاسىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/28ca/b4be/f092/66a0ddd1f1b38.jpeg?time=1722044203)
موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
سەيشەنبە كۈنى (23-ئىيۇل) 6-قېتىملىق رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە سودا-سانائەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى.