خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئامېرىكا ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

خىتاي ئامېرىكانىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل تولۇقلىما سىياسىتى سەۋەبىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى.

2120946
خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئامېرىكا ئۈستىدىن ئەرز سۇندى
çin-abd.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 2022 - يىلى ئامېرىكا ماقۇللىغان پۇل پاخاللىقىنى تۆۋەنلىتىش قانۇنى ئارقىلىق يەرلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى تولۇقلىما بىلەن قوللاپلا قالماي، خىتاي ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى بازاردىن سىقىپ چىقىرىۋىتىشنى باشلىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ناھەق رىقابەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

باياناتتا، بۇ ئىجرائاتنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتىكى دۇنياۋى سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە زىيان سالغانلىقى، ئەرزنىڭ خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك يېڭى ئېنېرگىيە ۋاستىچىلىق ساھەسىدە ئادىل رىقابەتنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ئۆزىگە يېقىن دۆلەتلەرگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشنى چەكلەيدىغان قائىدەسىگە ئامېرىكانىڭ خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى ئايرىمچى تولۇقلىما سىياسىتىنى تېزدىن تۈزىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋاستىلىرىنىڭ دۇنيا سانائەت ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا خىزمەت قىلدۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى.

باياناتتا، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قائىدىلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا سانائەت تولۇقلىمىسى بەلگىلىمىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ۋاستىسىنى (NEV) دەپ ئاتىغانلىقى، توك تولۇقلىغىلى بولىدىغان، باتارېيە، ئارىلاش موتور ۋە يېقىلغۇ باتارېيەلىك توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى دۆلەت تولۇقلىمىسى بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋروپا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا ناھەق رىقابەت پەيدا قىلدى، دېگەن سەۋەب بىلەن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق  ئاپتوموبىللارغا قارىتا قوشۇمچە تەكشۈرۈشنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر