ئاسىيانىڭ «مىلياردېرلار پايتەختى» ئۆزگەردى

نككېى ئاسىيا مېدىيا ئورگىنىنىڭ باش ئىشىتابى شاڭخەيگە جايلاشقان ھارۇن تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى مەنبە قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاسىيانىڭ «مىلياردېرلار پايتەختى» ئۆزگەرگەن.

2120600
ئاسىيانىڭ «مىلياردېرلار پايتەختى» ئۆزگەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نككېى ئاسىيا مېدىيا ئورگىنىنىڭ باش ئىشىتابى شاڭخەيگە جايلاشقان ھارۇن تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى مەنبە قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرى 92 مىلياردىرى بىلەن بېيجىڭنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئاسىيا قىتئەسىدىكى مىلياردېرلار ئەڭ كۆپ شەھەرگە ئايلانغان.

دوكلاتقا قارىغاندا، نىيۇيوركتا 119، لوندوندا 97 مىلياردېر بار بولۇپ، بومباي 92 مىلياردېر بىلەن دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ھىندىستان مىقياسىدا جەمئىي 271 مىلياردېر بار ئىكەن، 92 مىلياردېر بار بولغان بومباي شەھىرىنىڭ ئىقتىسادى 2023- يىلى %7.5 ئاشقان.

دۆلەتنى ئاساس قىلغان باھالاشتا، خىتاي 814 مىلياردېر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، خىتايدىكى مىلياردېرلار سانى 2022-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 155 كىشى ئازايغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 800 مىلياردېرى بىلەن مىلياردېرلار كۆپ دۆلەتلەر تىزىملىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئامېرىكانىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى — Nvidia نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جېنسېن خۇاڭ 48 مىليارد دوللار مەبلىغى بىلەن تىزىملىكتىكى ئالدىنقى 30 كىشىنىڭ ئىچىگە كىرگەن بولسا، گۇگۇل، مېتا ۋە مىكروسوفت خوجايىنلىرىنىڭ بايلىقىدىمۇ «كۆرۈنەرلىك ئېشىش» كۆرۈلگەن.

پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ بايلىقلىرىنىڭ ئېشىشىدىن باشقا، ئامېرىكالىق ناخشىچى تايلور سۋىفتنىڭ بايلىقىنىڭمۇ ئېشىپ 1 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر