تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى  يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى

تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى 2023 – يىلىدا ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1 نومۇر ئازىيىپ، %9.4 كە چۈشتى ۋە يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە تۆۋەنلىدى.

2119863
تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى  يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى  2023- يىلدىكى ئەمگەك كۈچى ئىستاتىستىكا مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى 2023 - يىلى ئالدىنقى يىل (2022) غا سېلىشتۇرغاندا 318 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 3 مىليون 264 مىڭ كىشىگە تۆۋەنلىگەن.

ئىشسىزلىق نىسبىتى 1 نومۇر تۆۋەنلەپ، %9.4 كە چۈشكەن.

ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 2023-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 880 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، 31 مىليون 632 مىڭ كىشىگە يەتكەن.

 ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 0.8 نومۇرئېشىپ، %48.3 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر