فېۋرالدا ئايلىق ئېكسپورت رېكورتى يارىتىلدى

فېۋرالدا تۈركىيە تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورتى قىلىندى.

2110061
فېۋرالدا ئايلىق ئېكسپورت رېكورتى يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات فېۋرال ئېيىغا ئالاقىدار ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلىپ، 2-ئايدىكى ئېكسپورتنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1923-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېكسپورتىمىز 2-ئايدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %13.6 ئېشىپ، 21 مىليارد 86 مىليون دوللارغا يەتتى. جۇمھۇرىيىتىمىز تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى فېۋرال ئېيى ئېكسپورت قىممىتىگە يەتتۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر