شىمشەك تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساياھەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2103150
شىمشەك تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان تۈركىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مۇنبىرى يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنتايىن ئۇلۇغۋار ساياھەت نىشانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان شىمشەك، تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدە غايەت زور تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «بىز ئۇ يەر (سەئۇدى ئەرەبىستان)دىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ سېلىنىپ ئىشلىتىلىشىگە تۆھپە قوشالايمىز. ساياھەت شىركەتلىرىمىز ئارقىلىق ئۇ يەرگە ساياھەتچى ئەۋەتىشكىمۇ ياردەمچى بولالايمىز» دېدى.

مىنىستىر شىمشەك تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىكتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى 5 نىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ 2023-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىمىز ئېنىق. دۇنيانىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىنسا، بىز بەلكىم 3- ياكى 4-ئورۇندا بولۇشىمىز مۇمكىن. دېمەك، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسى ئىنتايىن مول»دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر