ھافىزە غايە ئەركاننىڭ ئورنىغا فاتىھ قاراخان تەيىنلەندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش تەلىپى قوبۇل قىلىنغان ھافىزە غايە ئەركاننىڭ ئورنىغا بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاتىھ قاراخان تەيىنلەندى.

2096994
ھافىزە غايە ئەركاننىڭ ئورنىغا فاتىھ قاراخان تەيىنلەندى
fatih karahan.jpg
Hafize Gaye Erkan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ھافىزە غايە ئەركان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئۆزىنىڭ 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىزدىن بىرىنچى كۈنىدىن بۇيان شەرەپ بىلىپ ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان ۋەزىپەمدىن مېنى ئېلىپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلدىم» دېدى.

باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش تەلىپى قوبۇل قىلىنغان ھافىزە غايە ئەركاننىڭ ئورنىغا مەركىزىي بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاتىھ قاراخان تەيىنلەندى؛ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ فاتىھ قاراخاننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك بايانات بېرىپ، مەركىزىي بانكىنىڭ ئىقتىسادىي پروگراممىسىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھافىزە غايە ئەركاننىڭ قارارىنىڭ ئۆز خاھىشىغا ئاساسەن چىقىرىلغان پۈتۈنلەي شەخسىي قارار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شىمشەك، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز كۈچلۈك ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، باھا مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نىشانىمىزغا قاراپ دادىل ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر