تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىدى
تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى ئىمزالاندى.
2095674
![تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d1d4/d394/38a2/65b9ee45c926b.jpg?time=1722044199)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار ۋېنېزۇئېلا زىيارىتى دائىرىسىدە، ۋېنېزۇئېلا نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ رەئىسى پېدرو رافائىل تېلېچېيا بىلەن پايتەخت كاراكاستا كۆرۈشتى.
ئىككى تەرەپ ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرەدىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى كېلىشىمى ئىمزالىدى.
مىنىستىر بايراقتار زىيارەت دائىرىسىدە يەنە، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت دېلكى رودرىگۇز بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/28ca/b4be/f092/66a0ddd1f1b38.jpeg?time=1722044199)
موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
سەيشەنبە كۈنى (23-ئىيۇل) 6-قېتىملىق رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە سودا-سانائەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى.