تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە مەركىزىي دۆلەتكە ئايلىنىش نىشانى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە مەركىزىي دۆلەتكە ئايلىنىش نىشانىنى بويلاپ تاشلىغان قەدەملىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2092637
تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە مەركىزىي دۆلەتكە ئايلىنىش نىشانى

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە مەركىزىي دۆلەتكە ئايلىنىش نىشانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئېنېرگىيە مەركىزىگە ئايلىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە، خەلقئارالىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرلىرى ئارقىلىق رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئىراندىن تەبىئىي گاز قوبۇل قىلماقتا. تۈركىيە خەلقئارا تەبىئىي گاز تۈرلىرى ئارقىلىق رايوننىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، تەبىئىي گاز سودىسى قىلىنىدىغان ۋە باھاسى بېكىتىلىدىغان مەركىزىي دۆلەتكە ئايلىنىش خىزمەتلىرىنى سۈرئەت بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا.

رۇسىيە تەبىئىي گازىنى چەت ئەل بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيەدە تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن باشلانغان يول خەرىتىسى تەييارلاش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا؛ تراكيادا قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان تەبىئىي گاز مەركىزىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، تۈركىيە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ۋە ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇشتىكى مەركىزى دۆلەت بولۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

ئورۇن بەلگىلەش خىزمىتى ئاخىرلاشقان تىراكيادىكى تەبىئىي گاز مەركىزىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش باشلىشى كۈتۈلمەكتە. ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى ئەنقەرە  بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز قاتناپ، تۈرنىڭ ئاخىرقى شەكلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

تۈركىيەدە نۆۋەتتە جەمئىي يەتتە خەلقئارالىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، ئىككىسى لەيلىمە ئىسكىلات ۋە گازلاشتۇرۇش بولۇپ، جەمئىي  4 سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز مەركىزى ۋە ئىككى دانە يەر ئاستى زاپاسلاش تېرمىنالى بار؛ خەلقئارالىق تۈرلەرنىڭ بىرى بولغان «تۈرك ئاقىم» رۇسىيەنىڭ ئاناپا شەھىرىدىن باشلىنىپ، تۈركىيەنىڭ قىرقلارئەلى شەھىرىنىڭ قىيىكۆي رايونىغىچە سوزۇلىدىغان 930 كىلومېتىرلىق ئىككى دېڭىز تۇرۇبا لىنىيەسىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ لىنىيەلەرنىڭ بىرى تۈركىيەنىڭ دۆلەت تورىغا تۇتىشىدۇ، يەنە بىرى تەبىئىي گازنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەر بىر لىنىيە يىلىغا 15 مىليارد 750 مىليون كۇب مېتىر گاز توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

رۇسىيەدىن قارا دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ تۈركىيەگە تۇتىشىدىغان <ماۋى ئېقىم تەبىئىي گاز لىنىيەسى> ئارقىلىق يىللىق 16 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكىلى بولىدۇ.

ئەزەربەيجان گازىنى تۈركىيە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يۆتكەيدىغان <تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى (تاناپ)> نۆۋەتتە ھەر يىلى 6 مىليارد كۇب مېتىرى تۈركىيەگە، 10 مىليارد كۇب مېتىرى ياۋروپاغا بولۇپ، جەمئىي 16 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشىماقتا.

سىغىمىنى 32 مىليارد كۇب مېتىرغىچە يەتكۈزگىلى بولىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن <تاناپ>نىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. <تاناپ> گىرېتسىيە چېگراسىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان <تىرانس ئادرىياتىك تۇرۇبا لىنىيەسى> گە تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە يەنە ئەزەربەيجاندىن باكۇ-تىفلىس-ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئارقىلىقمۇ تەبىئىي گاز قوبۇل قىلالايدۇ.

شەرقىي ئانادولۇ تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئاساسىي لىنىيەسى بولسا،  ھەر يىلى 10 مىليارد كۇپ مېتىر ئىران تەبىئىي گازىنى تۈركىيە بازىرىغا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە كەلگۈسىدە بازارغا سېلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان شەرقىي ئاقدېڭىز، تۈركمەن ۋە ئىراق گازىنى ياۋروپا بازىرىغا يەتكۈزۈش جەھەتتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

تۈركىيە يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش ئارقىلىق تەبىئىي گاز كۆپ خىللىقى تورىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. بۇ يۆنىلىشتە، زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنى تۈركىيەگە توشۇش ۋە بۇ لىنىيەنى تۈركىيەنىڭ دۆلەت سىستېمىسىغا تۇتاشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىدىكى نۆۋەتتىكى ھالقىلىق رولىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇش كۆزلەنمەكتە.

ئېنېرگىيە تەمىناتى بىخەتەرلىكى ۋە بايلىقىنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسلىرىدا ئەھمىيىتى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەنگەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئۇل ئەسلىھەلىرىدە تۈركىيە ئەۋزەل ئورۇندا تۇرماقتا.

ئىزمىردىكى ئەتكى پورت شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ تۇنجى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ساقلاش ۋە گازلاشتۇرۇش كېمىسى، كۈنىگە 20 مىليون كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

تۈركىيە ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئەڭ يېڭى تۈرلەرنىڭ بىرى دۆرتيولدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ساقلاش ۋە گازلاشتۇرۇش تېرمىنالى ۋە ئەرتۇغرۇل غازى پاراخوتى بولسا، دۇنيادا تەخمىنەن 40 دانە بولغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ساقلاش ۋە گازلاشتۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قاتارىدىن ئالماقتا.

ئەرتۇغرۇل غازى پاراخوتىنىڭ يىللىق گازلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەخمىنەن 2 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، 170 مىڭ كۇب مېتىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنى ساقلىيالايدۇ.

ئەرتۇغرۇل غازى پاراخوتىنىڭ زاپاسلىيالايدىغان پىرېسلانغان تەبىئىي گاز تەخمىنەن 110 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى گازلاشتۇرۇش ئىقتىدارى 28 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىدا.

ئىزمىردىكى تەبىئىي گاز سۇيۇقلاندۇرۇش مەركىزى — ئەگە گازمۇ 170 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ساقلاش سىغىمى ۋە كۈندىلىك 40 مىليون كۇب مېتىر تەمىنلەش ئىقتىدارى بىلەن تۈركىيەنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشماقتا.

بوتاشنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەرمەرە ئەرەگلىسى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ساقلاش ۋە گازلاشتۇرۇش تېرمىنالى، كۈندىلىك 37 مىليون كۇب مېتىر گازلاشتۇرۇش سىغىمى ۋە ھەر بىرىنىڭ 85 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان ئۈچ زاپاسلاش باكى بىلەن ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ساروس  سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ساقلاش ۋە گازلاشتۇرۇش مەركىزى مارمارا رايونىنىڭ تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر