تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا مىقدارى %31 ئاشتى

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا مىقدارى 2023-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %31 ئېشىپ، 7 مىليارد 650 مىليون دوللارغا يەتتى.

2092053
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا مىقدارى %31 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەتلىك تاموژنا كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىتالىيەدىن قالىسلا ئەزەربەيجان بىلەن ئەڭ كۆپ سودا قىلغان ئىككىنچى دۆلەتكە ئايلانغان. ئەزەربەيجاننىڭ ئىتالىيە بىلەن قىلغان سودىسى 15 مىليارد 680 مىليون دوللارغا، تۈركىيە بىلەن قىلغان سودىسى7 مىليارد 650 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئەزەربەيجان بىلەن سودا ئەڭ كۆپ ئۈچىنچى دۆلەت رۇسىيە بولۇپ، سودا مىقدارى 4 مىليارد 350 مىليون دوللارغا يەتكەن.

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ 2022-يىلىدىكى 5 مىليارد 840 مىليون دوللارلىق سودا ئومۇمىي سوممىسى، 2023-يىلى %31 ئېشىپ، 7 مىليارد 650 مىليون دوللارغا يەتكەن.

 كومىتېتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەزەربەيجان 2023-يىلى 193 دۆلەت بىلەن سودا قىلغان بولۇپ، سودا ئومۇمىي سوممىسى 51 مىليارد 180 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر