گولدمان ساچس: تۈركىيەدىكى پۇل پاخاللىقى مۆلچەردىكىدىن تېز تۆۋەنلىشى مۇمكىن

ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكاسى —گولدمان ساچس، تۈركىيەدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تېز تۆۋەنلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2090697
گولدمان ساچس: تۈركىيەدىكى پۇل پاخاللىقى مۆلچەردىكىدىن تېز تۆۋەنلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گولدمان ساچىسنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئىقتىساد ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكاسىنىڭ بازاردىكى پۇل بىلەن تەمىنلەشنى ئازايتىش سۈرئىتى نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، پۇل پاخاللىقىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تېز تۆۋەنلىشىنىڭ مۇمكىنلىكى تەكىتلەندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىل ئاخىرىدا %42.6 بولۇشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان پۇل پاخاللىقىنىڭ %30 كە چۈشۈش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكاسىنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشىگە ئاساسەن، بۇ ئاي ئۆسۈمنى يەنە 250 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرۈپ %45 كە چىقىرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دوكلاتتا، گولدمان ساچىسنىڭ ئىلگىرىكى ئۆسۈم نىسبىتى مۆلچەرىنىڭ %42.5 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، پۇل پاخاللىقىنىڭ بازار باھاسىدىن تېز تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، بانكانىڭ يىل ئوتتۇرىدا تۈركىيە لىراسىغا بېسىم ئېلىپ كەلمەستىنلا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە باشلايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر