دۇنيادا بايلارنىڭ بايلىقى ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن

دۇنيادا ئەڭ باي بەش كىشى 2020-يىلىدىن بۇيان مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتكەن.

2088733
دۇنيادا بايلارنىڭ بايلىقى ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ياردەم جەمئىيىتى ئوكسفام (Oxfam) دۇنيادا ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان كىشىلەر دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىگە بارغان ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر بەش كىشىنىڭ مال-مۈلكى 2020-يىلى 405 مىليارد دوللار بولغان بولسا، ئۆتكەن يىلى (2023) 869 مىليارد دوللار يەتكەن.

دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلۈۋاتقان باراۋەرسىزلىك سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان ئوكسفام جەمئىيىتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، 2020-يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى 5 مىليارد كىشىنىڭ تېخىمۇ نامراتلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا ئىقتىسادى ۋۇخەن ۋىرۇسى قاتارلىق نۇرغۇن كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، مىلياردېرلارنىڭ مال-مۈلكى يېقىنقى تۆت يىلدا 3.3 مىليارد دوللار كۆپەيگەن. ئەڭ باي كىشىلەر ۋە شىركەتلەر ئاكسىيە بازارلىرىدىكى ئۆسۈش سەۋەبىدىن كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن ۋە تېخىمۇ كۈچلەنگەن.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OECD) غا ئەزا دۆلەتلەردىكى شىركەتلەر 1980-يىلى %48 ئەتراپىدا شىركەت بېجى تۆلەيدىغان بولۇپ، 2022-يىلغا كەلگەندە بۇ رەقەم %23.1 كە چۈشكەن.

دوكلاتتا، باي-كەمبەغەللىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىشى بىلەن، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە دۇنيادا تۇنجى تىرىلىيونېرنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئەھۋال داۋاملاشقاندا بولسا، دۇنيادىكى كەمبەغەللىكنىڭ 229 يىل داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.

دوكلاتتا بۇنى ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە، دۇنيادىكى مىليونېر ۋە مىلياردېرلارنىڭ مال-مۈلكىگە قارىتا ھەر يىلى 1.8 تىرىلىيون دوللار كىرىم تاپاۋەت بېجى ئىجرا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر