رۇسىيە تۈركىيەدىن تۇخۇم ئىمپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

رۇسىيە تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان تۇخۇملارنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمىنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2086416
رۇسىيە تۈركىيەدىن تۇخۇم ئىمپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان تۇخۇملارنىڭ 5 – يانۋار دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ياراگ-كازماليار ئېغىزى ئارقىلىق رۇسىيە تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، 19.3 توننا ئېغىرلىقىدىكى 316 مىڭ 800 تۇخۇمنىڭ تارقىتىلىشقا باشلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىدارىسى 3-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىن قىلىنىشقا تۇخۇملارنىڭ تۇنجى تۈركۈمىنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 14- دېكابىر رۇسىيە مىقياسىدىكى تۇخۇم باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيەدىن قوشۇمچە (تۇخۇم) ئىمپورت قىلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ (تۈركىيە بىلەن) يېزا ئىگىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىز ياخشى تەرەققىي قىلماقتا» دېگەنىدى.

رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى دىمىترىي پاتروشېۋمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدىن باجسىز تۇخۇم ئىمپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر