ئېنېرگىيەنىڭ 2023 - يىلى ۋە ئۇنىڭ 2024 - يىلىغا دائىر مۆلچەرلەر...

«ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ سانىدا، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئېنېرگىيەنىڭ 2023 – يىلىدىكى قىسقىچە سەرگۈزەشتىسى ۋە ئۇنىڭ 2024 – يىلىغا ئالاقىدار مۆلچەرلەرنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

2083046
ئېنېرگىيەنىڭ 2023 - يىلى ۋە ئۇنىڭ 2024 - يىلىغا دائىر مۆلچەرلەر...

ئېېرگىيەنىڭ 2023 - يىلى ۋە ئۇنىڭ 2024 - يىلىغا دائىر مۆلچەرلەر...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2023-يىلى ئېنېرگىيە دۇنيا ۋە تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلدى. 2024-يىلىمۇ ئەھۋال بۇنىڭدىن پەرقلىق بولمايدۇ... تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا ئارقا-ئارقىدىن ھەر خىل قەدەملەرنى تاشلاپ، بىر تەرەپتىن ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئېنېرگىيە نۇقتىسىدىن خەلقئارادىكى مەركىزى دۆلەت بولۇش نىشانىغا قاراپ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەكتە. ياۋروپا بولسا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئېغىر ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرمەكتە...

شۇنداق، بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھەر دۈشەنبە كۈنى تارقىتىلىدىغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» پىروگراممىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

*  *  *  *

تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدە قانداق قەدەملەرنى تاشلىدى؟ 2024-يىلىدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىشى كۈتۈلۈۋاتىدۇ؟ ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە قانداق قەدەملەر تاشلىنىدۇ؟

تۈركىيە بارلىق دېڭىزلاردا تەبىئىي گاز بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. دەسلەپكى قەدەمدە، قارا دېڭىزدا 710 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى. پات يېقىندا شەرقىي ئاق دېڭىزدىمۇ بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى باشلىنىدۇ.

شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدا زور مىقداردا نېفىت زاپىسى بايقالدى. شېھىت ئايبۈكە يالچىن نېفىتلىكىدىن كۈنىگە 100 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىش پىلانلانماقتا. شېھىت ئەسما چەۋىك نېفىتلىكىدىن بايقالغان 150 مىليون ۋارىل نېفىت زاپىسىنىڭ قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 12 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

تۈركىيە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاۋاتىدۇ. تۈركىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ 55 پىرسەنتىنى قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقارماقتا.

ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى رېئاكتورىنى كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانماقتا. 2028 – يىلى باشقا رېئاكتورلارنىڭمۇ مەشغۇلات باشلىشى بىلەن، ھەر يىلى 35 مىليارد كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

*  *  *  *

بۇ يىل يېڭى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى يولىدا قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى پىلانلىنىۋاتىدۇ. شۇنداق، ئېنېرگىيەدىكى يېڭى تۈرلەر پەقەت يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ...

يەتتە خەلقئارالىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى لىنىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى... ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى لىنىيەلەرنىڭ سىغىمىمۇ پات يېقىندا ئاشۇرۇلىدۇ.

بۇ قەدەملەرنى تاشلاشتىكى تۈپ نىشان، تۈركىيەنى ئېنېرگيە مەركىزى بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىلدى. تراكيادا قۇرۇلىدىغان ئېنېرگىيە مەركىزى ئارقىلىق تەبىئىي گازنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق بىرلا مەركەزدىن ياۋروپاغا يەتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنى تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزىدۇ.

تۈركىيە تۈرك دۇنياسى بىلەنمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېڭى ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىشنى پىلانلىماقتا. ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى زېمىنى قاراباغنى ئازاد قىلدى. نۆۋەتتە زەنگەزۇر كارىدورىنى ئېچىش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا. كارىدورنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە بىلەن تۈرك دۇنياسى ئۆزئارا تولۇق تۇتاشقان بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەزەربەيجاندىن كېيىن، تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنىمۇ تۈركىيە ئارقىلىق خەلقئارا بازارلارغا سېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر