بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى ئەڭ تېز بولدى
تۈركىيە بۇ يىل (2023) نىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) ۋە G20 دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىقتىسادىي ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان دۆلەت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ %5.93 لىك ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە G20 دۆلەتلىرى ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %1.7 بولغان. مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە نورۋېگىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىشىشى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، %1.5 بولغان.
تۈركىيە مۇشۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئىقتىسادىي ئېشىش مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىنغان G20 دۆلەتلىرى ئارىسىدىمۇ بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. ھىندونېزىيە %4.9 لىك ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن ئىككىنچى، خىتاي %3.2 لىك ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.