ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى دۇنيا بازارلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى (فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى) يەرشارىۋى گېئو-سىياسىي جىددىيچىلىكلەرنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشىنىڭ دۇنيا بازىرىغا كەڭ دائىرىدە سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2053997
ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى دۇنيا بازارلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى، ئامېرىكا پۇل- مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى 10- ئايلىق «پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، يەر شارىۋى گېئو- سىياسىي جىددىيچىلىكنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنىڭ دۇنيا بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشى بىلەن بىللە گېئو- سىياسىي جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇ جىددىيچىلىكلەرنىڭ يەر شارى ئىقتىسادى پائالىيىتىنى زور خەتەرگە ئىتتىرىدىغانلىقى، جۈملىدىن رايونلۇق يېمەكلىك، ئېنېرگىيە ۋە باشقا تاۋار سودىلىرىدا داۋاملىق ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا: «بۇ زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ياكى باشقا گېئو- سىياسىي جىددىيچىلىكنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشى ئىقتىسادىي پائالىيەتنى ئازايتىپ، پۇل پاخاللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشى، بولۇپمۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر