شىيا: باغداد كەركۈك - جەيھان تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تۈركىيە نېفىت ئەۋەتىشكە تەييار
ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى، باغدادنىڭ كەركۈك - جەيھان نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تۈركىيەگە نېفىت يوللاشنى باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2049788
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ئەسسۇدانى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىسى» يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ئۇ، 6- فېۋرال قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەر سەۋەبىدىن كەركۈك - جەيھان نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق نېفىت يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمما، يېقىندا بىر قىسىم تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ مەشغۇلاتقا تەييارلىقى دەلىللەندى. ھۆكۈمەتمۇ (نېفىت) يوللاشنى باشلاشقا تەييار. بىز تۈرك شېرىكلەردىنمۇ بۇ توغرىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدۇق» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.