تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئېكسپورت قىممىتى ٪2.6 ئېشىپ،  2 مىليارد 822 مىليون دوللارغا يەتتى.

2048186
تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇلۇداغ ئاپتوموبىل سانائىتى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئېكسپور قىممىتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا ٪2.6 ئېشىپ، 2 مىليارد 822 مىليون 476 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

ئېكسپورتتا ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىنىڭ ئۈلۈشى ٪14.7 كە يېتىپ، «خىمىيە سانائىتى ۋە مەھسۇلاتلىرى» ساھەسىدىن قالسا  ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر