ب د ت تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى ئۆستۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسى (UNCTAD) تۈركىيەنىڭ بۇ يىلقى (2023) ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرىنى % 2.6 تىن % 3.7 كە ئۆستۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسى دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنىڭ ئۆكتەبىر سانىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇر %3 بولۇپ، 2023-يىلى ئاستىلاپ %2.4 كە تۆۋەنلەيدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسى دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنىڭ ئاپرېل سانىدا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلقى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %2.1 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسىنىڭ دوكلاتىدا، 2023-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرى %2.6 تىن %3.7 كە ئۆستۈرۈلدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرى بولسا %0.9 تىن %2 كە ئۆزگەرتىلدى.
دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرى %0.4 كە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرى %4.6 گە، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرى %0.6 گە چۈشۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.