207 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ساياھەت پاراخوتى ئالانيا پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى
پاناما بايراقلىق ساياھەت پاراخوتى «Crown Iris» ئانتاليانىڭ ئالانيا رايونىنى زىيارەت قىلدى.
2039533
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ ھايفا پورتىدىن يولغا چىققان 207 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پاراخوت ئالانيا پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى.
بۇ يىل ئالانياغا تۆتىنچى قېتىم كەلگەن پاراخوتتا كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيەلىك، 1606 يولۇچى ۋە 593 خادىمنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
تاموژنا رەسمىيىتىدىن كېيىن پاراخوتتىن چۈشكەن ساياھەتچىلەردىن بەزىلىرى شەھەر مەركىزىدە مال سېتىۋېلىشنى تاللىغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئالانيانىڭ تارىخىي ۋە ساياھەت جايلىرىنى زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.