ئامېرىكادىكى 3 ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دېترويىت ئىشتاتىدىكى 3 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى.

2038128
ئامېرىكادىكى 3 ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دېترويىت ئىشتاتى ۋە ئەتراپىدىكى 3 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىتىنىڭ تەخمىنەن 13 مىڭ ئىشچىسى ئىش ھەققى ئىختىلاپى سەۋەبىدىن ئىش تاشلىدى.

«ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالىرى بولغان، ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى، فورد ۋە ستېللانتىس ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىدا ئىشلەيدىغان تەخمىنەن 13 مىڭ ئىشچى ئۇيۇشمىنىڭ 88 يىللىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىش تاشلاشنى قارار قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىشچىلار تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە توشقان توختامنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن زاۋۇت دېرىكتورلىرى بىلەن ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن بۇ قارارغا كەلگەن.

ئەگەر ئىش تاشلاش ئۇزاق داۋاملاشسا، ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلەش يېتىشمەسلىك ۋە ئاپتوموبىل باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش خەۋپى ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر