قازاقىستان گېرمانىيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ

قازاقىستان مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە گېرمانىيەگە كەم دېگەندە 890 مىڭ توننا نېفىت ئېكسپورت قىلىدۇ.

2030811
قازاقىستان گېرمانىيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى (KazMunayGaz) بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەت رەئىسى ماگزۇم مىرزاگالىيېۋنىڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىرزاگالىيېۋ گېرمانىيەدىكى بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېر ستېينمېيېرنىڭ 6-ئايدىكى قازاقىستان زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش توختامىنى ئىمزالانغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز 2023- يىلى گېرمانىيەگە يەتكۈزىدىغان نېفىتنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كەم دېگەندە 890 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېگەن.

مىرزاگالىيېۋ يەنە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا قازاقىستاننىڭ درۇجبا نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق گېرمانىيەگە 390 مىڭ توننا نېفىت ئېكسپورت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۆھبەتلەر جەريانىدا، گېرمانىيە تەرەپ قازاقىستاندىن ئالىدىغان نېفىتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئىرادىسىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر