تۈركىيە سودا مىنىستىرى بولات ئىراقتا زىيارەتتە بولدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھەر ساھەدە، بولۇپمۇ سودا، مەبلەغ سېلىش، ھۆددىگەرلىك ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2030540
تۈركىيە سودا مىنىستىرى بولات ئىراقتا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر بولات ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئۆزىنىڭ باغداد زىيارىتىنى ئىراق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە پىلانلاش ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى تەمىم بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بىلەن باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سودا دۇنياسى ۋەكىللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئېلىپ بارغان ئىراق زىيارىتى جەريانىدا، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

«بىز تاموژنا، ئىمپورت ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى مۆلچەرىمىزنى يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. بىز يەنە ھۆددىگەرلىرىمىزنىڭ ئىراقنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېڭى شەھەر ۋە يېڭى رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا قوشىدىغان تۆھپىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇق. دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، ھۆددىگەرلىك ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر