سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ھىندىستاندا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى سودا ۋە سېلىنما مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندىن باشقا يەنە ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن ھەمكارلىقنىڭ يوللىرىنى ئاچىدىغان ئۆزئارا ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

2029513
سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ھىندىستاندا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆمەر بولات ھىندىستاننىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىدە «بىر دۇنيا، بىر ئائىلە، بىر كەلگۈسى» تېمىسىدا چاقىرىلغان گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى سودا ۋە سېلىنما مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈچۈن  جايپۇرغا يېتىپ بېرىپ،  بۇ دائىرىدە يىغىنلارغا قاتناشقان ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا مىنىستىرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان.

سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات پروگراممىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن نۆۋەتتىكى يەرشارى خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كەڭ دائىرىلىك ئېشىش ۋە ئىنسانىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا «سودا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشى»، «يەر شارى قىممەت قاراش زەنجىرلىرىنىڭ كرىزىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش» ۋە «خەلقئارا سودا تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىش» قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر