تۈركىيە توقۇمىچىلىق ۋە خام ئەشيا سانائىتىنىڭ ئېكسپورتى ئاشماقتا

تۈركىيە توقۇمىچىلىق ۋە خام ئەشيا سانائىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا 196 دۆلەتكە مال ئېكسپورت قىلدى.

2026930
تۈركىيە توقۇمىچىلىق ۋە خام ئەشيا سانائىتىنىڭ ئېكسپورتى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا،  تۈركىيە توقۇمىچىلىق ۋە خام ئەشيا سانائىتى ساھەسى 2023-يىلنىڭ دەسلەپكى يەتتە ئېيىدا 5 مىليارد 509 مىليون 32 مىڭ دوللار كىرىم قىلغان.

 ساھە ۋەكىللىرى %38.1 لىك ئۈلۈش ۋە 2 مىليارد 98 مىليون 161 مىڭ دوللار بىلەن ئەڭ كۆپ پايدىنى ياۋروپادىن ئالغان بولدى.

ياۋروپادىن قالسىلا ئەڭ كۆپ پايدا قولغا كەلتۈرۈلگەن رايون 993 مىليون 295 مىڭ دوللار بىلەن سابىق شەرقىي ياۋروپا لاگېرى ۋە 656 مىليون 807 مىڭ دوللار بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەتكە تىزىلدى.

دۆلەتلەر تەرتىپى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەڭ كۆپ ئېكسپورت ئەمەلگە ئاشقان دۆلەت 469  مىليون 598 مىڭ دوللار بىلەن «مودا دۆلىتى» دەپ بىلىنىدىغان ئىتالىيە بولدى.

ئىتالىيەدىن قالسا بېلارۇسىيە 367 مىليون 960 مىڭ دوللار بىلەن ئىككىنچى، ئامېرىكا 262 مىليون 47 مىڭ دوللار بىلەن ئۈچىنچى، ئىسپانىيە 239 مىليون 905 مىڭ دوللار بىلەن تۆتىنچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر