تۈركىيەنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلغان ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلغان ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا 2 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى.

2021738
تۈركىيەنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلغان ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى يېقىنقى ئىككى يىلدا يولغا قويۇلغان يېڭى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار سايىسىدا داۋاملىق جانلانماقتا.

تۈركىيەنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلغان ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %30.9 ئېشىپ، 2 مىليارد 460 مىليون دوللارغا يەتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان ساھە ئۈنچە- مەرۋايىت ساھەسى بولدى؛ ئۈنچە-مەرۋايىت سانائىتى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 971 مىليون 286 مىڭ دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى.

شۇنداق قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيە ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان 13- دۆلەتكە ئايلاندى.

بۇ مەزگىلدە، تۈركىيە گېرمانىيەگە 10 مىليارد 932 مىليون دوللارلىق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 6 مىليارد 995 مىليون دوللارلىق، ئىتالىيەگە 6 مىليارد 607 مىليون دوللارلىق، ئەنگلىيەگە 6 مىليارد 471 مىليون دوللارلىق، فىرانسىيەگە 5 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر