تۈركىيەنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رېكورتى يارىتىلدى

تۈركىيەنىڭ كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۈنۈگۈن 75 مىڭ 522 ۋارىلغا يېتىپ، كۈندىلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش رېكورتى يارىتىلدى.

2020504
تۈركىيەنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رېكورتى يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە نېفىت ھەسسىدارلىق شىركىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتا رېكورت يارىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «يېڭى قۇدۇقلار، يېڭى رېكورتلار! بىز شېھىت ئەسما چەۋىك ۋە شېھىت ئايبۈكە يالچىن نېفىتلىكىدە كولىغان يېڭى قۇدۇقلىرىمىز بىلەن شىرناق گابار رايونىدا كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 16 مىڭ 188 ۋارىلغا يەتكۈزدۇق ۋە بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش رېكورتىنى ياراتتۇق.

بىز «ئېنېرگىيەدە مۇستەقىل تۈركىيە» نىشانىمىزغا قاراپ قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلەۋاتىمىز. دۆلەت ئىچىدىكى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 75 مىڭ 52 ۋارىل» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر