ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن جىددە، دوھا ۋە ئەبۇ دابىدە سودا مۇنبىرى يىغىنلىرى ئېچىلىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن سودا مۇنبىرى يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2011394
ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن جىددە، دوھا ۋە ئەبۇ دابىدە سودا مۇنبىرى يىغىنلىرى ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئورگىنى تۋېتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقى ئەللىرىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سودا مۇنبىرى يىغىنلىرى ئۆتكۈزلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان – تۈركىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىنىڭ 17 – ئىيۇل جىددە شەھىرىدە، قاتار – تۈركىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىنىڭ 18 – ئىيۇل دوھادا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى – تۈركىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىنىڭ 19 – ئىيۇل ئابۇ دابىدە ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر