تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى 2014-يىلى 3-ئايدىكى سەۋىيەگە تۆۋەنلىدى.

2009224
تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى 2023 - يىلى ماي ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك كۈچى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 2023 – يىلى ماي ئېيىدا 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 193 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 3 مىليون 328 مىڭغا تۆۋەنلىگەن. ئىشسىزلىق نىسبىتى بولسا %  0.5 تۆۋەنلەپ، % 9.5 كە چۈشكەن.

ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەرلەردە % 7.7، ئاياللاردا بولسا % 13 دەپ مۆلچەرلەنگەن.

2023 – يىلى ماي ئېيىدا  15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 1.6 تۆۋەنلەپ، % 17 بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر