تۈركىيە كۈندىلىك ئېكسپورت نىسبىتىدە رېكورت ياراتتى

سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات 23-ئىيۇن كۈندىلىك ئېكسپورتتا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە رېكورت يارىتلىپ، 2 مىليارد 121 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى  بىلدۈردى.

2004026
تۈركىيە كۈندىلىك ئېكسپورت نىسبىتىدە رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  مىنىستىر ئۆمەر بولات ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا كۈندىلىك ئېكسپورت رېكورتىغا ئالاقىدار ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۆمەر بولات ئۇچۇرىدا: «ئېكسپورتىمىز 23-ئىيۇن كۈنى 2 مىليارد 121 مىليون دوللارغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. كۈندىلىك ئېكسپورتنىڭ 2 مىليارد دوللارلىق بوسۇغىسىدىن ھالقىغان بولدۇق» دېدى.

ئۆمەر بولات دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئاجىز ئايلىنىشقا قارىماي، بۇ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە كۈندىلىك ئېكسپورت نىسبىتىنىڭ، ئېكسپورتچىلارنىڭ دىنامىك كۈچى ۋە قەيسەرلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر