500 - «بايراقتار ت ب 2» ئىشلەپچىقىرىش سۇپىسىدىن چىقتى

دۇنيادا ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى نىڭ 500- ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چىقتى.

2003897
500 - «بايراقتار ت ب 2» ئىشلەپچىقىرىش سۇپىسىدىن چىقتى
bayraktar tb2 500-1.jpg
bayraktar tb2 500.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايقار شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرغىچە ئىشلەپچىقىرىلىش مۇساپىسىنى تاماملاپ، ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغان 80 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە، ئىشلەپچىقىرىلغان <بايراقتار ت ب 2> قوراللىق ۋە قورالسىز ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 580 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا پىكىرلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بايقار شىركىتى مۇدىرى ۋە تېخنىكا رەھبىرى سەلچۇق بايراقتار، ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيىتىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايان قىلغان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بولغان <بايراقتار ت ب 2>نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بايقار ئەترىتىنى تەبرىكلىدى.

بايقار شىركىتى تەرىپىدىن مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان <بايراقتار ت ب 2> ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئىلگىرى 27 سائەت ئۈچ مىنۇت ئۇچۇش ۋە 2730 فۇت ئېگىزلىككە ئۆرلەش ئارقىلىق ئاۋىياتسىيە تارىخىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېگىزلىككە ئۆرلەپ ئەڭ ئۇزۇن بوشلۇقتا تۇرۇش رېكورتلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى. ھازىرغىچە 600 مىڭدىن سائەتتىن ئارتۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان مىللىي قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى <بايراقتار ت ب 2>، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۇچقان مىللىي ھاۋا ئاپپاراتى ئۇنۋانىنى ئالغان ھالدا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

چېگرا ئىچى - سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە ھالقىلىق ۋەزىپىلەرگە قاتناشقان <بايراقتار ت ب 2> قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، تۈركىيەنىڭ شۇنداقلا دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تۆھپە قوشتى. ئۇ لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانلىغۇچىلارغا قارشى كۈرىشىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. 2020- يىلى بولسا، ئەزەربەيجاننىڭ 30 يىلدىن بۇيان ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان زېمىنى قاراباغنى ئازاد قىلىش كۈرىشى —  «بىر ۋەتەن ھەرىكىتى»دە ئۇرۇشنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتتى. ئەزەربەيجاننىڭ غەلبىسى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن تۇنجى جەڭ سۈپىتىدە دۇنيا ئۇرۇش تارىخدىن ئورۇن ئالدى.

2022- يىلى باشلانغان رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان <بايراقتار ت ب 2> نىڭ ئويۇنچۇقلىرى ياسالدى، ئۇنىڭغا بېغىشلاپ مارشلار يېزىلدى. ئۇكرائىنادا بايراقتار رادىيوسى قۇرۇلدى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا «بايراقتار» دەپ ئىسىملار قويۇلدى.

<بايراقتار ت ب 2>  ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى ۋە ئاپەتلەردىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلمەكتە.

<بايراقتار ت ب 2> قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن ھازىرغىچە 30 دۆلەت بىلەن ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر