جەۋدەت يىلماز بىلەن مەھمەت شىمشەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز بىلەن مالىيە ۋە خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يېتىپ باردى.

2002853
جەۋدەت يىلماز بىلەن مەھمەت شىمشەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز بىلەن مالىيە ۋە خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتىدىن ئىلگىرى خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پايتەخت ئەبۇزەبىگە يېتىپ باردى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس يىلماز بىلەن شىمشەك ئەبۇزەبى خەلقئارا ئايرودرومىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن سۇلتان بىن ئەۋۋاد ئەلنۇئەيمى، تۈركىيەنىڭ ئەبۇزەبىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۇگاي تۇنچەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

بىر يۈرۈش ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغان يىلماز بىلەن شىمشەك، ئاخىرىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ؛ ئۇچرىشىشقا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇئاۋىن رەئىسى شەيخ مەنسۇر بىن زايىد ئال نەھيانمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر