ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 4 مىليوندىن ئاشتى

بۇ يىل ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 4 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

1998232
ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 4 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دېڭىز، قۇم، قۇياش ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن ئاقدېڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان  ئانتاليا شەھىرىنىڭ 2023-يىلدىكى ساياھەتچى سانى ئېشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇلتۇر (2022) 1-يانۋاردىن 10- ئىيۇنغىچە ئانتالياغا ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق 2 مىليون 968 مىڭ 536 ساياھەتچى كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل (2023) ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %37 ئېشىش بىلەن 4 مىليون 62 مىڭ 891 ساياھەتچى كەلگەن.

بۇ يىللىىق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى ئىككى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئومۇمىي ساياھەتچى سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر