دۇنيا بانكاسى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش رەقىمىنى ئۆرلەتتى

دۇنيا بانكاسى تۈركىيەنىڭ بۇ يىللىق (2023) تەخمىن قىلىنغان ئىقتىسادىي ئېشىش رەقىمىنى %2.7 دىن %3.2 كە چىقاردى.

1971341
دۇنيا بانكاسى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش رەقىمىنى ئۆرلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكاسىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان يېڭى ئىقتىسادىي دوكلاتىدا، تۈركىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك تەخمىن قىلىنغان رەقەملەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

دوكلاتتا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %3.2، كېلەر يىلى (2024) 4.3%، 2025-يىلى بولسا %4.1 ئېشىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دۇنيا بانكاسى يانۋار ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىلى %2.7، 2024-يىلى %4 ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ئىدى.

تۈركىيەدە 6-فېۋرال (2023) يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ تەخمىنەن 34.2 مىليارد دوللارلىق زىيانغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ 2021-يىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4 گە توغرا كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، قايتىدىن قۇرۇش ۋە باشقا خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقىي تەننەرخىنىڭ بىۋاسىتە زىياننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇشى مۇمكىنلىكى، دۆلەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئائىلىلەنى ۋە مەبلەغ سېلىشلارنى قوللىشى سايىسىدا 2024-2025-يىللىرىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.2 كە يېتىشىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر